|
ئاپتونوم رايونىمىزدا مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 34 مۇزېي، خاتىرە سارىيى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئۈچ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى 28 – مارتتىن باشلاپ جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى ئېچىۋېتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت سۆز قىلدى.
مۇزېي، خاتىرە سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاممىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىر. مەركەز مالىيىسى مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى، ھەر دەرىجىلىك مالىيىلەرمۇ ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە ئالاقىدار خىراجەتلەرنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، خاتىرە سارايلارنى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق تۆت ئورۇن 2007 – يىلى 1 – مايدىن باشلاپ يەكشەنبە كۈنى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن ئىكەن. بۇ يىل 2 – ئايدا، مەركەزدىكى تۆت مىنىستىرلىك، ئىدارە ئاپتونوم رايونىمىزنى مۇزېي، خاتىرە سارىيى جەمئىيەتكە تولۇق ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون قاتارىغا كىرگۈزگەن.
|