باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 04- 01 12:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

       ·ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چى چۇڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز 2010  – يىلىغا بارغاندا 1 مىليون ئادەم قېتىم چەتئەللىك ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىپ، 460 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پىروۋوت يارىتىش، دۆلەت ئىچى ساياھەتچىسىدىن 40 مىليون ئادەم قېتىمنى كۈتىۋېلىپ، ساياھەت كىرىمىنى 53 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشتەك ئىستىراتىگىيىلىك تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

     · بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغىنىغا 30 يىل بولۇپلا قالماستىن، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭمۇ پارلاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكىنىگە 30 يىل بولدى. 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ قار – مۇز مەنزىرىسى ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت، چىگرا رايون ۋە يېزا، كەنت ئۆرپ ئادەت ساياھىتى›› نى ئالاھىدىلىك قىلغان ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكى دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان تۆت چوڭ داڭلىق ماركا بولۇپ قالغان.

     ·ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 2 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 75.7 پىرسەنت ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئېتىدىن 52.7 پوئىنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت 1 مىليارد 780 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئىمپورت 330 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سودا ئوڭ بالانىسى 1 مىليارد 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

    · ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىزىلچا تېرىلغۇ كۆلىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق شىكەرچىلىك كارخانىلىرى نۆۋەتتە جايلاردىكى دېھقانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھەر توننا قىززىلچىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى بۇلتۇرقى 250 يۈەندىن تەخمىنەن 300 يۈەنگە ئۆستۈرگەن.

    .3– ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرىشىدىكى 34 مۇزىي، خاتىرە سارىيى ۋە ئۈرۈمچى قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئۈچ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

     · ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2008 – يىلىدىكى ئىجارىسى ئەرزان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادىرات مېتىرىنىڭ ھەر ئايلىق ئىجارىسىنىڭ يەنىلا 9 مو 8 پۇڭ بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، كېۋەز سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئىنەك ۋە بۇغداي، ياغلىق دان زىرائەتلىرى قاتارلىق مەركەز سۇغۇرتا خىراجىتى ياردىمى بېرىدىغان تۈرلەرنى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت خاراكتىرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئالاھىدىلىككە ئىگە باغ – ئورمان كەسپى، چارۋىچىلىق كەسپى قاتارلىق تۈۋرۈك كەسپلەردە سۇغۇرتا مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە كەڭ دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدىكەن.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ