|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي خەۋىرى. ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسىدە ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 100 مىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك يېتەكچى قويۇلىدىكەن. 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىدىكى مەخسۇس ۋەزىپىلىك تولۇق، مەخسۇس كۇرس يېتەكچىلىرى 69 مىڭ 198 گە يېتىپ، 2005 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 20 مىڭ 506 سى كۆپەيگەن، كۆپىيىش نىسبىتى %42كە يەتكەن. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى 238: 1 بولۇپ، 2005 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 266 : 1 دىن خېلى يۇقىرى بولغان. بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، خۇبېي، خۇنەن، خېنەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى 200: 1گە يەتكەن؛ شاڭخەي شەھىرىدە تولۇق، مەخسۇس كۇرس يېتەكچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپلىنىش نىسبىتى 127 : 1 گە يەتكەن. 200 : 1 نىسبەت بويىچە تەقسىملەش تەلىپىگە ئاساسەن سەپلەنگەندىن كېيىن، ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىدىكى مەخسۇس ۋەزىپىلىك يېتەكچىلەر 100 مىڭ ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 50 مىڭ يېتەكچى سەپلىنىدىكەن. يېتەكچىلەر زور مىقداردا كۆپەيتىلگەن ئەھۋالدا سۈپەتمۇ تەڭ ئۆستۈرۈلگەن. سىياسىي قىياپىتىدىن قارىغاندا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى %77 بولۇپ، 2005 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %74 تىن سەل يۇقىرىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى پارتىيىلىك يېتەكچىلەرنىڭ نىسبىتى %97 كە يېقىنلاشقان؛ ئوقۇش تارىخى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، يېتەكچىلەرنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى بارلار %62 نى، ماگىستىر ئوقۇش تارىخى بارلار %27 نى، دوكتور ئوقۇش تارىخى بارلار %2 نى ئىگىلىگەن، ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بار يېتەكچىلەرنىڭ نىسبىتى 2005 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %17 ئۆرلىگەن.
|