|
100 دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
30 – مارت ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەبلەغ سالغۇچى كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹چەت رايونلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى›› تېمىسىدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1–ئاۋغۇسىت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23–ئوتتۇرا ،11–ئوتتۇرا ، 1–ئاۋغۇسىت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ياخشى ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 65 نەپەر ئوقۇغۇچى قەشقەردىن ، قالغان 35 نەپەر ئوقۇغۇچى باشقا ۋىلايەت ، ئوبلاستتىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىكەن .
|