باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 31 12:14 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     .دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېقىندا باتارىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەندە ،بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 99.9 پىرسەنتكەيەتكەن .

     ·دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پولات- تۆمۈر كەسپىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى— ‹‹پولات تۆمۈر مەسلىھەتچىلىكى››ئۇيۇشتۇرغان پولات - تۆمۈر كەسپىگە مەبلەغ سېلىش بويىچە ئانالىز قىلىش مۇھاكىمە يىغىنىدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادى ئايلىنىش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ پولات ماتېرىياللىرى ئېكىسپورت مىقدارى 7 مىليون 250 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 1 مىليون 500 مىڭ توننا ئازلاپ، ئېكىسپورت مىقدارى 17.2 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. پولات - تۆمۈر ئىمپورت مىقدارى 2 مىليون 670 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 30 مىڭ توننا ئاز بولدى.

     ·جۇڭگو خەلق بانكىسى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ تاۋ  مۇشۇ ئاينىڭ 29 – كۈنى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى كارخانا تەتقىقات ئورنى ئۇيۇشتۇرغان 2008 –يىللىق جۇڭگو ئۆي – مۈلۈك كەسپىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا: دۆلىتىمىزدە ئۆي باھاسىنىڭ ئاھالىلارنىڭ كىرىمى بىلەن بولغان نىسبىتى باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىدىن يۇقىرى، دېدى.

     ·ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان چوڭ كارخانا، چوڭ گورۇھ سىتراتىگىيىسى كان بايلىقلىرىنى قىدرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىق مەنبەسىنى ئىستىراتىگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇشتىكى رولى يەنىمۇ گەۋدىلىك بولدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ