باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دالاي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھى ھامىنى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ
2008- 03- 31 10:38 شىنجاڭ گېزىتى

 —شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليې چۆنى زىيارەت

     شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليې چۆ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 10 – مارتتىن بۇيان، دالاي گۇرۇھىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن، چېگرا ئىچى– سىرتىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئۆز ئارا ماسلىشىپ، لاسادا توپلىشىپ جېدەل تېرىپ ۋەقە سادىر قىلدى، بولۇپمۇ 14– مارت ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلەر ۋە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تىلىنى بىر قىلىپ، تەلۋىلەرچە ئەكسىيەتچىل ھەرىكەت قوزغاپ، زوراۋانلارچە ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، ئوت قويۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچراتتى. جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئەسەبىيلەشكەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق قىلمىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، غەزەپلەندۈرىدۇ.

     ليې چۆ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بۇ دالاي گۇرۇھى ئىنچىكىلەپ پىلانلىغان، ئاز ساندىكى قانۇنسىز راھىبلار باشلامچىلىق قىلغان، »شىزاڭ مۇستەقىللىقى« بۆلگۈنچىلىرى تايانچ بولغان، ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قاتناشقان تەشكىللىك، پىلانلىق، غەرەزلىك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى. دالاي گۇرۇھىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى ھەرىكىتى ۋە ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن ھەم ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.

     ليې چۆ مۇنداق دېدى: مەن كونا شىزاڭدا تۇغۇلۇپ، يېڭى جەمئىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلدىم. شىزاڭدىكى 50 نەچچە يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنىڭ شاھىدى بولدۇم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز راۋاجلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، بۇ ھەممىگە ئايان، ئۇنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە دالاي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھى خەلقنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرەلمەي، ھەر قېتىم شىزاڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشكەندە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىدى؛ شىزاڭدا ھەر قېتىم يېڭى ئىلگىرىلەش بولغاندا ۋاسىتە تاللىماي بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇ قېتىم ئۇلار نىقابىنى بىراقلا يىرتىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئوت قويۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى قەستى ۋە زوراۋانلىق ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى قەستەن ماجىرا چىقىرىپ، قانلىق ۋەقە تۇغدۇرۇپ، شىزاڭنىڭ مۇقىملىقىغا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. تۈپ مۇددىئاسى شىزاڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىش، دالاينىڭ شىزاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىمىزنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك جۇڭگونى پارچىلاش. قانلىق پاكىت بىزنى يەنە بىر قېتىم شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى، خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئېلىمىزنى غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش سىياسىي غەرىزى ئۆزگەرگىنى يوق، دالاي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئېلىمىزگە سۇقۇنۇپ كىرىپ ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ھەرىكىتى ئازراقمۇ ئاجىزلاشقىنى يوق، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالغىنى يوق. دالاي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا قارشى چىقىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جۇڭگو خەلقى بىلەن دۈشمەنلىشىشتەك رەزىل قىلمىشى خەلقنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ، ئۇلار ھامىنى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ!

      ليې چۆ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەزىيەتنى تېزدىن كونترول قىلدى، لاسانىڭ  نورمال تۇرمۇش تەرتىپى پائال ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. بىراق، دالاي گۇرۇھى بىلەن بولغان كۈرەش ئادالەت بىلەن رەزىللىك ئارىسىدىكى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان كۈرەش. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن دالاي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھىمۇ ھەرگىز ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدۇ. شۇڭا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، ئۆتكۈرلۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ مەيدان كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، تەخىرسىزلىكىنى چوقۇم سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات مېۋىمىزنى بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ، سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دالاي بۆلگۈنچىلىك گۇرۇھىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئەستايىدىل بولۇش، سەل قارىماسلىق، پوزىتسىيىدە بوشاپ قالماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرىنىپ قالماسلىق، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ شىزاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى، تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە كونكرېت تەلىپى  ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈرەشكە پائال ئاتلىنىپ، تىغمۇ تىغ ئېلىشىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، بۇ مەيدان كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوغداپ، ئىتتىپاق، دېموكراتىك، باياشاد، مەدەنىي سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك. 

( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 27 – مارت تېلېگراممىسى ) 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ