|
ئامېرىكا دوللىرى پىروۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا سېرىق ئالتۇننىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 16.3 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 935 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ھەر ئۇنسىيە سېرىق ئالتۇننىڭ نەق باھاسىمۇ 16.3 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 934.6 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 5 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۆمۈشنىڭ قەرەللىك باھاسى 69 سىنت ئۆرلەپ، بازار 17.8 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۇنسىيە ئاق ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى 96.7 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 1 مىڭ 985.9 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
|