باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلىدى
2008- 03- 27 12:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     نيويورك پىروۋوت بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياۋروغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنى خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلىدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 36 سىنت ئۆرلەپ، بازار 101.22 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. لوندون نېفىت سودا بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 75 سىنت ئۆرلەپ، بازار 100.6 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ قەرەللىك باھاسى 3.9 سىنت ئۆرلەپ، بازار 2.68 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىشىدىن ماينىڭ ھەر گالونىنىڭ قەرەللىك باھاسى 3.83 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 3.92 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك باھاسى 9 سىنت ئۆرلەپ، بازار 9.42 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ