|
·خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنى 7 يۈەن 5 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، 26 – مارت زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، 7 يۈەن 3 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 7 يۈەن 2 پۇڭ 5 لىلىق باھا بىلەن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 27 - يېڭى يۇقىرى سەۋىيىنى يارىتىپ، يەككە كۈندىكى ئۆرلەش دەرىجىسى 184 ئاساسىي نۇقتىغا يەتتى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھىسابلىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى 4 پىرسەنتكە يېقىنلاشتى. 26 – مارت ، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 2 پۇڭ 5 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 9 مو 8 پۇڭ 6 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 7 يۈەن 3 پۇڭ 7 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 3 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 7 پۇڭ 10 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
·تۆمۈر رۇدىسى، كوكۇس قاتارلىق خام ماتېرىياللار باھاسى ۋە دېڭىز تىرانسىپورت ھەققىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ جەنۇبىي جۇڭگودا ئاپەتتىن كىيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ ئەمگەك بازىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پولات ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن لەنگې پولات - تۆمۈر تورى 2008 - يىللىق ئەتىيازلىق پولات ماتېرىياللىرى بازىرى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگو پولات - تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، باش ئانالىزچىسى چىن شياڭدۇڭ: بۇ يىل پولات ماتېرىياللىرى باھاسى يەنىلا يۇقۇرى بولىدۇ، بەلكىم ئۈزلۈكسىز يۇقىرى يېڭى سەۋىيە يارىتىلىشى مۇمكىن، دېدى.
·مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن سودا سارايلىرىدا ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىنىڭ باھاسى ئالدىنقى كۈندىكىدىن ھەر گىرامىدا تەخمىنەن 10 يۈەن تۆۋەن بولدى.
·مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلار ئىچىدە باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار 4 مىڭ 250 كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولدى.
·ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت سوممىسى 595 مىليون 460 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 48.7 پىرسەنت ئاشقان.
·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر ئايدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئورۇنلىرىغا 325 يۈەن باج تاپشۇرىدۇ.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۆي - زىمىن ساھەسىدە باھانى نازارەت قىلىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئۆي– زىمىن شىركەتلىرىنى قاپلىغان نازارەت قىلىش تۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆي– زىمىن باھا ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىگىلەيدۇ.
|