|
مۇشۇ ئاينىڭ 25– كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە تولۇق كۇرسنىڭ 1– تۈركۈمى بىلەن تولۇق كۇرسنىڭ 2– تۈركۈمىدە 2– ئارزۇدىن 9– ئارزۇغىچە تەڭداش ئارزۇ تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش پرىنسىپىدا، نومۇر 1– ئورۇنغا قويۇلىدۇ، ئارزۇ رەت تەرتىپى 2– ئورۇنغا قويۇلىدۇ، ئارزۇسىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئارخىپ چىقىرىش پرىنسىپىدا، ئارزۇ رەت – تەرتىپى 1– ئورۇنغا قويۇلىدۇ، نومۇر 2– ئورۇنغا قويۇلىدۇ. 2003– يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر قايسى تۈركۈملەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تەڭداش ئارزۇ تەسىس قىلىپ، ئارخىپ چىقىرىشتا ئارزۇنى دەرىجىگە ئايرىش بىلەن تەڭداش ئارزۇ ئورگانىك بىرلەشكەن ئۇنىۋېرسال ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسىنى قوللانغانىدى.
بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىكى تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەردە 1– ئارزۇدىن باشلاپ تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش پرىنسىپىنى يولغا قويۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن چۇنشى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش ۋاقتى ۋە شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، 1– ئارزۇدا تەڭداش ئارزۇنى يولغا قويۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى چوقۇم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، تور ئارقىلىق كۆپ قېتىم ئارزۇ توپلىشى كېرەك، كومپيۇتېر شارائىتىنى ھازىرلىغان – ھازىرلىمىغانلىق 1– ئارزۇدا تەڭداش ئارزۇنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نۇرغۇن جايلاردا بۇ شارائىت ھازىرلانمىدى، ئەگەر بۇ نوقتىدىكى خىزمەت ياخشى ئىشلەنمىسە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئادىللىق بولمايدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ، 5 خىل تىلدا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، ئالاقىدار ئەھۋاللار مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇرەككەپ، بۇ خىل مۇرەككەپ ئەھۋال ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقارغاندا نومۇر سىزىقىغا يەتكەن ۋە يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، خەنچۇنشى مۇنداق دېدى: تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش پرىنسىپى بويىچە ئىلگىرىكى 1 نىڭ 1.2 گە نىسبىتىنى 1 نىڭ 1.1 گە نىسبىتىگە تۆۋەنلەتكىلى، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر 1– ئارزۇدا تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، قىسمەن يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى قوغداپ، ئىمتىھان بەرگەن قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بىر ئارزۇنى تالىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى نىسبىي ھالدا ھەل قىلىشتا، بەلگىلىك پائال رول ئوينايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ تەدبىرنىڭ نومۇر سىزىقىغا يەتكەن ۋە يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنالماسلىق ھادىسىسىنى تەلتۈكۈس ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى يەنىلا كۈرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.
|