|
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا دەرس بېرىدىغان‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئۈچ يىللىق تۈزۈمدىكى بالىلار پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت»قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش،‹‹يېزا مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا دەرس بېرىدىغان‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تولۇقلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ چىنرۇي باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى خوتەن، قەشقەر، تۇرپان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىكەن.
2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى‹‹>قوش تىل< ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار››نى تارقاتقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خىزمىتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 2006 – يىلى بالىلار باغچىسى 2005 – يىلىدىكىدىن 302سى، بالىلار باغچىسىدىكى بالىلاردىن 60 مىڭى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. بۇ يىل 1 – ئايدا ئاپتونوم رايون‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ‹قوش تىل› مائارىپى تەرەققىيات پىلانى››نى تۈزگەن، 2012 - يىلىغا بارغاندا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئىككى يىللىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىدىكەن. ئاپتونوم رايون يەنە مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياردەم پۇلىنى 400 يۈەندىن 800 يۈەنگە ئۆستۈرىدىكەن، ھەر يىلى ئون ئاي بويىچە ھېسابلاشنى 12 ئاي بويىچە ھېسابلاشقا ئۆزگەرتىدىكەن، تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا›› ھەققىنى تاپشۇرىدىكەن.
ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا دەرس بېرىدىغان‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ئېغىر كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەنزۇچە ئوقۇغان مۇنەۋۋەر مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە خەنزۇ تىلىنى ئانا تىل قىلغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى تولۇقلايدۇ؛ شەھەر – بازارلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان يېزا مەكتەپلىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا داۋاملىق تەشكىللەيدۇ، پېداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىدە پراكتىكا قىلدۇرۇپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ.
|