|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسپىي ماھارەت ئىمتىھانى ئۈرۈمچى، قەشقەر، كۈيتۈڭ ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىمتىھان ئېلىش ۋاقتى 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە بولىدىكەن.
كەسپىي ماھارەت سىنىقى بەدەن ساپاسى ۋە مەخسۇس تۈردىكى ماھارەت ئىمتىھانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بەدەن ساپاسى ئىمتىھانى 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش، ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش، چويۇن توپ ئېتىش، 800 مېتىرغا يۈگۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ مەخسۇس تۈردىكى ماھارەت ئىمتىھانى يېنىك ئاتلېتىكا، گىمناستىكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، چامباشچىلىق قاتارلىق ئالتە تۈر بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللىسا بولىدىكەن. ئۈرۈمچى، شىخەنزە شەھەرلىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىدا؛ قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىدا؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈڭ شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۈيتۈڭ شەھەرلىك تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.
|