باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى
2008- 03- 26 13:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىلىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى زور كۆلەمدە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان.
       ئىگىلىنىشىچە ، تارىم ئويمانلىقى مول يەر ئاستى سۇ بايلىقىغا ئىگە بولۇپ ، ئويمانلىق ئەتىراپىغا جايلاشقان 5 ۋىلايەت ، ئوبلاستتىكى ھازىرقى 17 مىڭ 800 كۆز يۈرۈشلەشكەن ، ماشىنىلاشقان قۇدۇق شۇ يەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەلىپىدىن خېلىلا يېراق ئىكەن. بۇلتۇر 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 6 - قېتىملىق شۇجىلار ئىش بېجىرىش يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىشقا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق تارماقلىرى ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پىلانى›› نى تۈزۈش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلدى. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ۋاڭ لېچۈەن سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ‹‹ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پىلانى ۋە 3 يىللىق يولغا قويۇلۇش لايىھىسى›› توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 2008 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مالىيىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىش، يۈرۈشلەشتۈرۈشكە تولۇقلىما ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى.
      2–ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 5 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يولغا قويۇش لايىھىسىنى يوللىدى. لايىھىدە، 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 5 ۋىلايەت، ئوبلاستتا يېڭىدىن 5 مىڭ 618 كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلىدىغانلىقى، يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، نۆۋەتتە 1 مىڭ 129 كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ ئۆزگەرتىلىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەنلىكى، يېڭىدىن نازارەت قىلىنىپ ، ئۆلچىنىدىغان 263 كۆز قۇدۇق قېزىلىپ ، تارتىپ چىقىرىلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ يىلىغا يېڭىدىن 337 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا 1 مىليارد 37 مىليون يۈەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى كېتىدىغانلىقى؛ بۇ يىل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، ئوبلاستتا 1 مىڭ 949 كۆز ماشنىلاشقان قۇدۇقنىڭ يېڭىدىن قېزىلىدىغانلىقى يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا 360 مىليون يۈەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا يەتكۈزۈلىدۇ.
       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاۋۋال يەر ئاستى سۇ بايلىقى شارائىتى ۋە تېرىلغۇ يەر شارائىتى بىر قەدەر ياخشى سۇغىرىش رايونىدا يېڭىدىن ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلىدۇ، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مول يۇرۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ