|
شەخسلەردىن ئېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجىنىڭ چېكى 3 – ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ، 2 مىڭ يۈەنگە تەڭشەلدى. 3 – ئايدا 2 – ئايلىق مائاشىنى ئالغان ئىشچى– خىزمەتچىلەر، مائاش جەدىۋىلىدە تۇتۇپ قېلىنغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ يەنىلا بىر مىڭ 600 يۈەنلىك ئۆلچەم ئاساس قىلىنغانلىقىدىن ئەجەپلەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تۇتۇپ قىلىش ئۆلچىمىدە مائاش ئالغان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ. 2 – ئايلىق مائاشى مەيلى 3 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرىدا تارقىتىلسۇن، ئۇنىڭدا يەنىلا 1 مىڭ 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە باج ئېلىنىدۇ .
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ مائاش تارقىتىش ۋاقتى بىردەك ئەمەس. بەزى ئورۇنلار ئاينىڭ بېشىدا تارقاتسا يەنە بىر قىسىم ئورۇنلار ئاي ئاخىرىدا تارقىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجى ئاي بويىچە ھېسابلىنىدۇ، يەنى ئەمەلىي ئالغان مائاش تاپاۋىتىنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن 2 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تۇتۇپ قىلىش ياكى قالماسلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ بارلىق باج تاپشۇرغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىنغانلىقنىڭ ئىپادىسى .
|