باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 26 12:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     .نۆۋەتتە چېڭدۇدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەملىكەتلىك ئىمپورت –ئېكىسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە 118 كارخانا ئېكىسپورت تاۋارلىرى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

     ·25 – مارت جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركىزى بانكا قاتارلىق تۆت ئورۇن بىرلىشىپ يېقىندا "پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پىكىرى" نى تارقىتىپ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى ھالقىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

     ·مۇشۇ ئاينىڭ24 –كۈنى ئاياغلاشقان جۇڭگو يۇقىرى قاتلاملىقلار تەرەققىيات مۇھاكىمە مۇنبىرىدە، دۆلىتىمىز مۇتەخەسسىسلىرى ئانالىز قىلىپ: دۆلەت ئىچىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى سىجىل يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما بۇ ئومۇمىيۈزلۈك پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، دەپ قارىدى.

     ·تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزنىڭ باھاسى تەخمىنەن10 پىرسەنت، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزنىڭ باھاسى 30 پىرسەنت، ئورالمىلارغا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزنىڭ باھاسى تەخمىنەن 30 پىرسەنت ئۆسكەن. كەسپى خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خام ماتېرىيال ۋە ئېنىرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەپلىك، بۇ يىل پۈتكۈل قەغەزچىلىك كەسپىدە تەننەرق ئومۇمىيۈزلۈك ئۆرلىدى، شۇ سەۋەپلىك مال باھاسىنى ئۆستۈرمەي بولمىدى.

     ·دۆلىتىمىز بۇ يىل كارخانا سەمىمىيىتى ۋە مەھسۇلات خىيىم –خەتىرى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىمپورت–ئېكىسپورت كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي چۈەنجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئېكىسپورت كارخانىلىرىغا قارىتىلغان سەمىمىيىتىنى باھالاش كۈچەيتىلىپ، كارخانىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ۋە سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيىسى، تاۋار خىيىم –خەتىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تەدبىرى يولغا قويىلىدۇ، ھەمدە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

     ·25 – مارت بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ 2008 –يىللىق جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان داڭلىق ماركىنى تەكشۈرۈش›› نىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىلىرى چەتئەللەرنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىدە يەنىلا ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالغان. تەكشۈرۈلگەن 57 خىل ئىستېمال تۈرى ۋە 12 خىل فېلىكلور تۈرى ئىچىدە 63 خىل داڭلىق ماركا ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن‹‹ كۆڭۈلدىكىدەك داڭلىق ماركا›› دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

     ·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 5 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 7 يۈەن 4 پۇڭ 4 لىلىق باھا بىلەن يېڭى تارىخى سەۋىيە يارىتىلغان. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 4 پۇڭ 4 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 8 مو 7 پۇڭغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ 4 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 5 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 5 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىقى شەرتىدە، كۆمۈر باھاسىنىڭ نىسبى مۇقىملىقىنى ساقلايدىكەن.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق چىگرىدىن كىرىش –چىقىشتا تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 20 –كۈنى، جۇڭگو دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىغا ھۆججەت يوللاپ بۇ يىل 3 –ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان جۇڭگو گۈللىرى ۋە ھوزۇر ئۆسۈملۈكلىرىنى كارانتىن قىلىش بويىچە چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ قازاقىستاننىڭ دۆلىتىمىز گۈللىرى ۋە ھوزۇر ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى بىر يىل چەكلىگەندىن كىيىن، ئىمپورت قىلىشقا ئىجازەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد، سودا كومىتېتى بازار باشقارمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 20 مىڭ توننا ئاق شىكەر زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2003 –يىلى ئاق شىكەر زاپاس ساقلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كىيىنكى زاپاس ساقلاش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى بولۇپ، ئاق شىكەرنى زاپاس ساقلاشنىڭ مەقسىدى بازارنى تەڭشەش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

     ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، بانكىلار كوللىكتىپ قەرز بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 24 مىليارد 600 مىليون يۈەن قەرز بەرگەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ