|
25 – مارت ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئەزالار يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار 68 مىڭ 900 غا، كەسىپكارلار 784 مىڭ 300 گە، رۇيخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 106 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ يەككە سودا - سانائەتچىلەر 477 مىڭ 700 غا، كەسىپكارلار 789 مىڭغا يەتكەن.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكىدە مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندى: خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك زورايدى؛ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى پاي چەكلىك شىركەتلىرى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى بىر قەدەر تېز راۋاجلاندى؛ 1– كەسىپ تېز راۋاجلىنىپ، شەھەر، بازار تەرەققىيات سۈرئىتى يېزىلارنىڭكىدىن تېز بولدى؛ يەككە سودا - سانائەتچىلەر داۋاملىق سىجىل راۋاجلىنىپ، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى .
|