باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
‹‹ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېنىڭ قېشىمدا›› خەت - چەك مەدەنىيىتى پائالىيىتى تۈنۈگۈن رەسمىي باشلاندى
2008- 03- 25 12:27 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ پوچتا شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ تەشكىللىگەن ‹‹ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېنىڭ قېشىمدا›› خەت - چەك مەدەنىيىتى پائالىيىتى تۈنۈگۈن رەسمىي باشلاندى، پائالىيەت تەشكىلىي كومىتېتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولىمپىكقا بولغان تىلەكلىرىنى توپلاش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلىملىرىنى تارقىتىش، خەت - چەك مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، پۈتۈن جەمئىيەتكە 200 مىڭ پارچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىلەك سۆزلىرى ئاتكرىتكىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئاتكرىتكىسى تارقىتىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى ئاتكرىتكىلىرىنى‹‹  158- خەت ساندۇقى›› غا ئەۋەتىپ باھالاشقا قاتناشتۇرسا بولىدۇ ھەمدە ئىسىل، نەپس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پوچتا بۇيۇملىرىغا ئېرىشەلەيدۇ. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىلەك سۆزلىرى ئاتكرىتكىلىرى ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىغا بىر تۇتاش يوللىنىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئولىمپىككە بولغان چىن، سەمىمىي تىلىكى ئىزھار قىلىنىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ