باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
دۆلەت بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي تېرىلغۇسىغا 970 مىليۇن يۈەن ئۇنۋېرىسال تولۇقلىما ياردىمى بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى
2008- 03- 25 12:04 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

      دۆلەت بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي تېرىلغۇسىغا 970 مىليۇن يۈەن ئۇنۋېرىسال تولۇقلىما ياردىمى بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ بۇلتۇرقىدىن 500 مىليۇن يۈەن، تەخمىنەن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

     ستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولۇپ، جەمئىي 370 مىڭ مو يەرنىڭ تېرىلغۇسى تاماملىنىپ، پېلاندىكىدىن 40 مىڭ مو كۆپ بولغان. ھاۋانىڭ تەدىرىجى ئىللىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە جەنۇبى شىنجاڭدىكى بۇغداي مايسىلىرى كۆكىرىشكە باشلىغان، دېھقانلارمۇ يەرلەرنى ئوسا قىلىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

     ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئەتىيازلىق بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى كېڭەيتىلدى. ھەمدە ئاشلىق تېرىيدىغان ئائىلىلەرگە قارىتا ھۆددىگە ئېلىش خىزراجىتىنى تۆۋەنلىتىش، سۇ بىلەن ئالدىن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دېھقانلارنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق بۇغداي تېرىلغۇسى ۋە كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ پەرۋىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەشكە تەشكىللىمەكتە.

     ئېگىلىنىشچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋىلىنىش باھاسىنى 1 يۈەن 5 مو قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى ئۇنۋېرىسال تولۇقلىما ياردىمى، ئاشلىق تېرىلغۇ ياردىمى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇغداينىڭ سېتىۋىلىنىش باھاسى 1 يۈەن 8 مو ئەتراپىدا بولىدىكەن.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ