باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%75.8 ئاشتى
2008- 03- 25 12:01 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت –ئېكسپورت سودىسى سىجىل ئاشتى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 116 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 75.8 پىرسەنت ئاشتى. شەرقىي قىسىم رايونلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ كۈچلۈك ياساش ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئېكسپورت سوممىسىنى 1 مىليارد 779 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى، ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن، ئاساسلىقى كىيىم - كېچەك، ئەينەك ياسالمىلىرى، ئاپتوموبىل، ئائىلە سايمانلىرى، ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئىمپورت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان تاۋارلار بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلاتلار بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى يالتراق، پاختا، كېرەكسىز مېتاللار، تۆمۈر رۇدا داشقاللىرى، خام نېفىت، ياغاچ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ