|
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماشىنىسازلىق– ئېلىكتىرون كەسپىدە يارىتىلغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 10 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى ھەمدە ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1– ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ماشىنىسازلىق– ئېلىكتىرون كەسپىدە يارىتىلىدىغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 13 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنىسازلىق- ئېلىكتىرون كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماشىنىسازلىق- ئېلىكتىرون كەسپىدە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلىدىغان 20 خىل ئاساسلىق مەھسۇلات ئىچىدە، 13 خىل مەھسۇلات 2006– يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان بولۇپ، پايدا ئېلىشقا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بولغىنى ئېلىكتىر تېخنىكىسى ۋە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بولغان. بۇ جەھەتتە يارىتىلغان پايدا 692 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2006– يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 197 مىليون يۈەن ئاشقان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتىدىكى كۆپ قىسىم كەسپلەر زىيان تارتىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، پايدا ئېلىشقا باشلىدى. ئاپتوموبىل سانائىتىدە يارىتىلغان پايدا 1 مىليون 419 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2006– يىلى 23 مىليون 510 مىڭ يۈەن زىيان بولغانىدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىدە يارىتىلغان پايدا 2 مىليون 583 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2006– يىلى 10 مىليون 790 مىڭ يۈەن زىيان بولغانىدى.
|