باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 24 13:06 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     .شىىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى باھاسىنى سىسېتىمىلىق تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەملىكىتىمىزدە سۇ يېغىنىڭ باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك ئازراق چۈشكەن. گۆش، تۇخۇم، سۈت باھاسى مۇقىم بولغان. تەييار ئاشلىق باھاسى ئومۇمىي گەۋدىدىن مۇقىم بولغان، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەييار ئاشلىق باھاسى بىر قەدەر زور دەرىجىدە چۈشكەن. قىسمەن رايونلاردا بىرقىسىم كۆكتات تۈرلىرىنىڭ باھاسىدا بىر قەدەر زور داۋالغۇش كۆرۈلگەن.

     ·يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نيۇ دۈن مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى فۇجۇدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. نۆۋەتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرى 36.4 كىلوگىرام بولۇپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى.

     ·دۆلەت ئىچىدىكى پولات - تۆمۈر كەسپىدىن مەسلىھەت بېرىشتىكى  داڭلىق ئورگان ‹‹ پولات - تۆمۈر›› تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى بازار ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، دۆلەت ئىچىدە پولات ماتېرىياللىرى باھاسى ئۇدا ئىككى قېتىم تەڭشەلگەن، قىسمەن مەھسۇلات تۈرلىرىدە باھا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن.

   ·بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت سودىسى داۋاملىق ئاشتى، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 116 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 75.8 پىرسەنت ئاشتى.

     ·بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتىدە جەمئى 13 مىڭ 500 كىشى نەپكە ئېرىشتى.

     ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ئاچقان ئاشلىق بازىرىنىڭ تەمىنلىشى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى پائال جىددى تاقابىل تۇرۇش  تەدبىرى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاشلىق بازىرىنىڭ تەمىنلىشى ۋە باھانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 250 مىڭدىن 300 مىڭغىچە نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىپ، نامراتلارنى  تەرەققىيات ئارقىلىق يۆلەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيىلەردىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 300 يۈەن كۆپەيتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ