|
پۇلنى قىسىش سىياسىتىدىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، پۇل پاخاللىقىنى بېسىش ، بانكا سېستىمىسىنى داۋاملىق جانلىق باشقۇرۇش ، ئىناۋەتلىك قەرزنى مۇۋاپىق كۆپىيىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن ، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇ يىل بۇ يىل 25 – مارتتىن باشلاپ ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى %0.5 ئۆستۈرۈشنى يەنى %15.5 كە تەڭشەشنى قارار قىلدى .
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان جۇشياۋچۈەن 17 – مارت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىشى ، ئاساسلىقى ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە قاراپ قىلىنغان ئىش ، دۇنيا ئىقتىسادى بىر – بىرىگە تەسىر قىلسىمۇ ، لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى شەكلى ئانچە ئوخشاپ كەتمىگەچكە ، جۇڭگونىڭ يېقىندا ئۆسۈم قوشۇش – قوشماشلىقىنى يەنە ئەھۋالغا قاراپ بىر نېمە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ ›› .
مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، ئەگەر ئۆسۈم قوشۇلسا ، قوشۇلغان ئامانەت پۇل ئۆسۈمى قۇشۇلغان قەرز پۇل ئۆسۈمىدىن كۆك بولۇشى مۇمكىنكەن .
|