|
·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ 20 – مارتتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20 – مارت خەلق پۇلىنىڭ ئاساسلىق پۇللارغا ئايرىۋاشلىنىش ئارلىق باھسىدا، 100 ئامېرىكا دوللىرى 705 يۈەن 1 مو 2 پۇڭغا، 100 ياۋرو 1 مىڭ 98 يۈەن 8 مو 9 پۇڭغا، 100 ياپونىيە يىنى 7 يۈەن 1 مو 2 پۇڭ 8.5 لىغا، 100 شياڭگاڭ پۇلى 90 يۈەن 7 مو 5 لىغا، 100 ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 1 مىڭ 396 يۈەن 5 مو 3 پۇڭغا ئايرىۋاشلانغان.
·باۋشەن پولات تۆمۈر گورۇھى پاي چەكلىك شىركىتى پولات ماتېرىياللىرى باھاسىنى پەسىللىك تەڭشەش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى، كاربونلۇق پولات مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قەرەللىك سېتىىش باھاسىنى 5 - ئايدا ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
·شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىكرو بىئولوگىيىنى قوللىنىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇاڭ لېپىڭ يېقىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قار لەيلىسىنىڭ سوغۇققا چىداملىق گېنى كېۋەز تۈپىگە ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلۈپ، سوغۇققا چىداملىق كېۋەز يېتىشتۈرۈپ چىقىلدى، بۇ خەلقئارادا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش. نۆۋەتتە بۇ تۈر دۆلەت تەبىئى پەن فوندى تۈر باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يۇندا بىر تەرەپ قىلىش، سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش، ئاتموسفىرا بۇلغۇنىشىنى تۈزەش، ئىجتىمائى كەسپلەر، ئىجارىسى ئەرزان ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى 41 تۈر بويىچە دۆلەتكە ياردەم مەبلىغى ئىلتىماس قىلغان، ئىلتىماس قىلىنغان مەبلەغنىڭ سوممىسى بۇلتۇرقىدىن ئاشىدىكەن.
·بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى كەچلىك بازار قاتتىق دىتال مۇئەسسەسەلىرىدە كىيىم - كېچەك، ئۈستەل - ئورۇندۇق، يايما ئورنى، بازار ئېچىش، تاقاش ۋاقتى، مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىش كېنىشكىسى، مۇھىت ئاسراش مۇئەسسەسەلىرى ۋە يورۇتۇش مۇئەسسەسەلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەرنىڭ كەچلىك بازار ئېچىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەن.
·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى S دەرىجىلىك 22 قار تىيىلىش مەيدانىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قار تىيىلىش مەيدانلىرى بۇلتۇر قىشتا كۈتىۋالغان ساياھەتچى 568 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك ساياھەتچى 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 26 مىليون يۈەندىن ئاشقان. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 200 دىن ئارتۇق قار تىيىلىش مەيدانى قار تىيىلىش، مۇز تىيىلىش، ئات ۋە ئىت قوشۇلغان چانا، پاراشوتتا سەكرەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرالايدىكەن، كۆپلىگەن قار تىيىلىش مەيدانلىرىدا ئارشاڭ مۇنچا، مېھمانخانا، رىستۇرانلار تەسىس قىلىنغان.
|