باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆگىنىش بېسىمى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىكەن
2008- 03- 21 10:51 شىنجاڭ گېزىتى

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش بېسىمى چۈشۈرىدىكەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆگىنىش بېسىمىدىن بەكلا بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 2007 – يىلى مەملىكەت بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئائىلىلىرىنىڭ تەربىيە ئەھۋالىنى ئارىلاپ  تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى مەكتەپتە جىددىي بىر كۈننى ئۆتكۈزگەندىن سىرت يەنە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەكتەپ تاپشۇرۇقى ۋە ئائىلە باشلىقى  ئورۇنلاشتۇرغان دەرستىن سىرتقى تەكرار تاپشۇرۇقىنى ئىشلەيدىكەن، تەكرار كۇرسى ۋە كۇرۇژۇكلارغا قاتنىشىدىكەن. ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئويناش، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقىراپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ھال بەزى ئوقۇغۇچىلاردا يامان روھىي كەيپىيات پەيدا قىلغان.

     دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: %97.5 ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەيدىكەن؛ %66.1 ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلە باشلىقلىرى ئورۇنلاشتۇرغان دەرستىن سىرتقى تەكرار تاپشۇرۇقىنى تۈگىتىدىكەن؛ %30.4 ئوقۇغۇچى تەكرارلاش سىنىپىغا، %21.7  ئوقۇغۇچى كۇرسقا قاتنىشىدىكەن.

     دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، %53.4 شەھەر، بازار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە %53.8 يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹بىزنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى ئۆگىنىش بېسىمى››.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ