باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
10 پەن تەتقىقات ئورنى ۋە ئۇنىۋېرىستېت ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ
2008- 03- 20 17:03 تەڭرىتاغ تورى

     بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇنىۋېرىسىسىتلار ئارقا –ئارقىدىن جەمىئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېچىۋېتىلىدىغان بۇ 10 ئورۇن ئامما ئارىسىدا پەن –تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ، ھەر يىلى ئېچىۋېتىلىدىغان ۋاقتى 30 كۈندىن ئاز بولمايدۇ .

    ئېچىۋېتىلىش دائىرىسى : تەجرىبىخانا ، قۇرۇلۇش مەركىزى ، تېخنىكا مەركىزى ، دالا پونكىتلىرى قاتارلىق تەتقىقات –تەجرىبە بازىلىرى ، ھەر قايسى ئۈسكۈنە –ئەسۋاپ مەركەزلىرى ، پەن –تېخنىكا سانلىق مەلۇماتلار مەركىزى ، پەن –تېخنىكا ھۆججەتلىرى مەركىزى ، پەن –تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئۇل مۇئەسسەسە بازىلىرى . بۇ ئورۇنلار ھەر يىللىق پەن –تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى (17–سېنتەبىردە )مەركەزلىك ئېچىۋېتىلىدىكەن .

    تۇنجى تۈركۈمدە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇنىۋېرىسىتېتلار : شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى ، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى ، تارىم ئۇنىۋېرىسىتېتى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرىسىتېتى ، شىخەنزە ئۇنىۋېرىسىتېتى ، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرىستېتى ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ،جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ فىزىكا –خىمىيە تەتقىقات ئورنى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىكەن .
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ