باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدۇ
2008- 03- 20 16:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

      جۇڭگو دۆلەت سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭجياڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەققىيەتلىك ئۆتكۈزۈش—جۇڭخۇا خەلقىنىڭ ئارزۇسى ، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىمۇ كۆز تىكمەكتە. شۇڭا ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى. بىرىنچىدىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى پۈتۈنلەي خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە تەشكىللەپ ئىشلەپچىقىرىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان بارلىق كارخانىلارغا قارىتا قاتتىق بولغان بازارغا كىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ ؛ ئۈچىنچىدىن ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈلىدۇ ؛ تۆتىنچىدىن ،  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكلەر ئىستېمال نۇقتىسىغا بىۋاستە  توشۇلىدۇ ؛ بەشىنچىدىن ، ترانسپورت، ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارغا قارىتا GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش يولغا قويۇلىدۇ ؛  ئالتىنچىدىن ، بارلىق مەھسۇلاتلار جۇڭگونىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورىغا كىرگۈزۈلۈپ ، ھەر بىر مەھسۇلات سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ