باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 19 12:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

    .دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2 – ئايدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 11.8 پىرسەنت ئۆرلەپ، ئۆرلەش دەرىجىسى 1 – ئايدىكىدىن 0.4 پوئىنت تۆۋەن بولغان؛ يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي باھاسى 1 – ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت ئۆرلەپ، ئۆرلەش دەرىجىسى 1 - ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت تۆۋەن بولغان.

    ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسى تەرەققىياتىنىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانى››دا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 10 پىرسەنتكە يەتكۈزىلىدىكەن، يىللىق ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 300 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە باراۋەر كېلىدىكەن.

     ·ئاپتونوم رايونىمىز دا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە چىقىم قىلىشقا بولىدىغان كىرىمى مەملىكەتنىڭكىدىن 2 مىڭ 888 يۈەن ئاز، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭكىدىن مىڭ يۈەن تۆۋەن بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسى 69.9 پىرسەنت بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 16.2 پىرسەنت تۆۋەن ئىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋېتىپتۇ.

     ·ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5 مىڭ 251 يۈەن بولۇپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 12 پىرسەنت ئېشىپ، كىشى بېشى ئاشقان كىرىم تۇنجى قېتىم 600 يۈەنگە يەتكەن.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان 53 خىل ۋېتامىن تۈرىدىكى ۋە ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلارغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى ئىجرا قىلىنىدىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرلا ۋاقىتتا بۇ 53 خىل دورىغا قارىتىلغان ئەمەلىي باھا قوشۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ