|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەنتەربىيە كەسىپ تۈرلىرىدىن ئېلىنىدىغان سىناق ئىمتىھانى مەركەزلىك ھالدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، كۈيتۈن شەھىرى قاتارلىق 3 ئىمتىھان نوقتىسىدا ئېلىنىدىكەن، ئىمتىھان ۋاقتى 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە بولىدىكەن.
سىناق ئىمتىھان تۈرى بەدەن ساپاسى ۋە مەخسۇس تۈر تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بەدەن ساپاسىدىن ئېلىنىدىغان سىناق ئىمتىھان —100 مېتىر ئارىلىققا يۈگۈرەش، ئورنىدا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش، چۈيۈن توپ ئېتىش ۋە 800 مېتىر ئارىلىققا يۈگۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ مەخسۇس تۈر تېخنىكىسى بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يېنىك ئاتلېتكا، گىمناستىكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالېبول، چامباشچىلىق قاتارلىق 6 تۈردىن بىر تۈرنى تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى ، شىخەنزە، سانجى، قۇمۇل، تۇرپان، بايىنغولىن قاتارلىق جايلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەركەزلىك ھالدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىمتىھان بېرىدىكەن؛ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئىمتھان بەرگۈچىلەر قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتىدا ئىمتىھان بېرىدىكەن؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۈيتۈن شەھىرىدىكى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئىمتىھان بېرىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 4 – ئاينىڭ 26– كۈنى ئىمتىھان نوقتىلىرى تەسىس قىلىنغان ئورۇندىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن.
|