|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان لايىھىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەننىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى 20–ئىيۇندىن 23–ئىيۇنغىچە ئېلىنىدىكەن يەنى بۇلتۇرقى ئىمتىھان ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. ئۈرۈمچى رايونى بۇ يىل يەنىلا ئۆز ئالدىغا سۇئال چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ ئىمتىھان ئالىدىكەن. ئىمتىھان ۋاقتى باشقىدىن بېكىتىلىدىكەن.
2008– يىلى، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەننىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھان سۇئالى بىرلىكتە چىقىرىلىدىكەن. 9– يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى(خەنزۇچە)، فىزىكا، خىمىيە، تارىخ، ئىدىيە–ئەخلاق، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق قاتارلىق پەنلەردىن ئىمتىھان بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە فىزىكا بىلەن خىمىيە ئىمتىھانىنىڭ سۇئالى قوشۇپ چىقىرىلىدىكەن، تارىخ بىلەن ئىدىيە-ئەخلاق ئىمتىھانىنىڭ سۇئالىمۇ قوشۇپ چىقىرىلىدىكەن. 8- يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىئولوگىيە، جۇغراپىيىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن.جايلار ئاپتونوم رايون تەمىنلىگەن ئىمتىھان قەغىزىنىڭ نۇسخىسى بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىمتىھان قەغىزى تۈزىدىكەن ھەمدە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ۋاقىتقا ئاساسەن ئىمتىھان ئالىدىكەن.
سىناق ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان پەنلەر جەھەتتە فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە تەجرىبە مەشغۇلات ئىمتىھانى كۆپەيتىلىدىكەن. جايلار ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەن تۈزگەن <<فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە تەجرىبە مەشغۇلاتىدىن سىناق ئېلىش ئۆلچىمى>> گە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىكەن. مۇزىكا، گۈزەل- سەنئەت قاتارلىق پەنلەردە , جايلار ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەننىڭ بىر تۇتاش تۈزگەن ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ سىناق ئىمتىھانى ئالىدىكەن. بۇ سىناق ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش دوكلاتىغا خاتىرلىنىدىكەن. سىناق ئېلىنىدىغان پەنلەرنىڭ نەتىجىسى لاياقەتلىك، ئاساسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك، لاياقەتسىز دەپ ئۈچكە بۆلىنىدىكەن. سىناق ئېلىنىدىغان ۋاقىتنى جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنىڭ ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، ئىنگلىزچە ، فىزىكا ۋە خىمىيە ئىمتىھانىدا يېپىق ئىمتىھان شەكلى، ئىدىيە–ئەخلاق ۋە تارىخ ئىمتىھانىدا ئوچۇق ئىمتىھان شەكلى يولغا قويۇلىدىكەن. ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ <<شىنخۇا لوغىتى>> ئېلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن؛ ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيە ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلىغۇچ ئېلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. 8–يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان بىئولوگىيە ئىمتىھانىدا يېپىق ئىمتىھان شەكلى، جۇغراپىيە ئىمتھانىدا ئوچۇق ئىمتىھان شەكلى يولغا قويۇلىدىكەن.
|