|
·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان 2007 – يىللىق دۆلىتىمىزدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە پاتېنت ئىلتىماسى قىلغانلار 26 مىڭ بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 8.8 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.
·خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى ئالدىنقى ئىككى سودا كۈنىدە ئارقا - ئارقىدىن 7 يۈەن 1 مو ۋە 7 يۈەن 9 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، 17 – مارت 7 يۈەن 8 پۇڭ 15 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، خەلق پۇلى پىروۋوتى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى 3.15 پىرسەنتتىن ئاشتى، بۇ شۇنداقلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسىدا يارىتىلغان 23 - يېڭى يۇقىرى سەۋىيە. تۈنۈگۈن بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 8 پۇڭ 15 لىغا، بىر ياۋرو 11 يۈەن 1 مو 7 پۇڭ 14 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 7 يۈەن 2 مو 6 پۇڭ 49 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 1 پۇڭ 109 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 2 مو 7 پۇڭ 13 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
·جۇڭگو ياشلار گېزىتى جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزى بىلەن سىينا تورى ئاخبارات مەركىزى ئۆتكەن ھەپتىدە توردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئىچىدە 3.9 پىرسەنت كىشى ئالدى بىلەن بايلارنىڭ بېجىنى ئازايتىش قارىشىنى قوللىغان؛ 64 پىرسەنت كىشى بولسا: شەخسى تاپاۋەت بېجى ھىسابلاش چېكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرىھال كىرىملىك كىشىلەرنى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارىغان.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېلېكتىر - ئىنىرگىيە كەسپى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىدارە قىممىتى 50 ۋە 100 يۈەن بولغان توك ھەققى قىممەت تولۇقلاش كارتىسى تارقاتقان. شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەش قىممەت تولۇقلاش كارتىسى سېتىش نۇقتىسىدا كارتا سېتىۋالغاندىن كىيىن، 95588 غا تېلىفون قىلىپ توك پۇلىنى تاپشۇرسا بولىدىكەن.
·بۇنىڭدىن كىيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىدا ئۆزگۈرۈش بولسا، چوقۇم 10 كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتغا ئەنگە ئالدۇرىلىدۇ. ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئۆي باھاسى ئۇچۇرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. باھانى ئۆز ئالدىغا، ئىختىيارىچە ئۆستۈرىۋېلىشتەك باھا ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلارنى باھانى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار جازالايدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆي - مۈلۈك قۇرۇلۇشى سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان، تەستىقلىتىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پىلان رايونىدا تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان، ھەمدە تاۋار ئولتۇراق ئۆي ۋە تاۋار ئولتۇراق ئۆي بولمىغان ئۆينى بازارغا سالغان ئۆي _ مۈلۈك كارخانىلىرى سېتىلىدىغان ئۆي باھاسىنى چوقۇم ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدىكەن. شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىدىكەن.
·بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت، ئۆلكە يولى غول لىنىيىسى، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە بېكەت قۇرۇلۇشىغا 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت، ئۆلكە يولى غول لىنىيىسىگە 8 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاساسلىقى سايرام كۆلى - كەڭساي ئېغىزى قاتارلىق يەتتە دۆلەت يولى غول لىنىيىسى تۈرى، تۆت دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى تۈرى، ئۈچ غەربىي رايون ئۆتۈشمە يولى تۈرى ۋە مايتاغ - نارات - كۇچا - ئارال يولى قاتارلىق ئالتە تۈرگە سەرىپ قىلنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارد يۈەن، بېكەت قۇرۇلۇشىغا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
·بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمنى سىجىل ئاشۇرىدىغان كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، 250 مىڭدىن 300 مىڭغىچە نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامراتلارنى تەرەققىيات ئارقىلىق يۆلەش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، گەرچە 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق شەرق، غەرپ ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا كېڭىشىش يىغىنىغا يەنە يېرىم ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 400 ئىقتىسادى ھەمكارلىق تۈرىگە ئىنتىرنىت تورىدىدىن پايدىلىنىپ شەرق، غەرپ ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا كېڭىشىش يىغىنىدىن خېرىدار چاقىرىلغان.
·ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ماكانلىشىدىغان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە داڭلىق كارخانىدىن يەنە ئونى كۆپىيىدىكەن، بۇ ئون كارخانا شياشىڭ، ئەيلىشېڭ، جۇڭرۇڭ، جۈنياۋ قاتارلىق گورۇھ كارخانىلار ۋە شياڭگاڭ TBE، جىنخۇا، تيەنيا، بىگۈييۈەن، جۇگۇاڭ قاتارلىق گورۇھلا ۋە خۇاچى بانكىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك ۋە ئولتۇراق ئۆي تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا مال باھاسى يەنىمۇ ئۆرلىگەن، ئاھالىلار ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 11.9 پىرسەنت ئۆرلەپ، ئۆرلەش دەرىجىسى 1 - ئايدىكىدىن 2.4 پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوننىڭ مال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى مەملىكەتنىڭ 8.7 پىرسەنتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 3.2 پوئىنت يۇقىرى بولغان.
|