باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 2006–يىلدىكىدىن 4 مىڭ 666 توننا ئاشتى
2008- 03- 18 12:49 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

    مۇخبىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئېگىلىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بېلىقچىلىقتىكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 89 مىڭ 101 توننىغا يېتىپ، 2006– يىلدىكىدىن 4 مىڭ 666 توننا ئاشقان. بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 930 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %23.8 ئاشقان. بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى 6 مىڭ 819 يۈەنگە يېتىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە 1– ئورۇنغا ئۆتكەن.

    دەريا– ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ كۆپ بولۇشى— ئاپتونوم رايونىمىزنى بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلدى. ئەمما سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ئاز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتى بىر مەھەل ئاستا بولغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى ھەمدە بېلىقچىلىقتىكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، باقمىچىلىق تۈرلىرىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتتى. داڭلىق، ئالاھىدە ۋە يېڭى سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېگىلىگەن نىسبىتى يىلسېرى ئېشىپ، تومباش بېلىق، رەڭدار ترۇت بېلىقى، كالىفورنىيە ئوكۇن بېلىقى، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنى قاتارلىق تۈرلەرنى بېقىشتا دەسلەپكى كۆلەم شەكىللەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا  بار بولغان ئۆزگىچە تۈرلەرنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش— ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالا چورتان، ياۋروپا يېسسى بېلىقى، دەريا ئوكۇن بېلىقى قاتارلىقلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش تېخنىكا تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. دەريا قىسقۇچپاقىسى باقمىچىلىق كۆلىمى ئۆزلۈكسىز زورىيىپ، تەبىئىي سۇ رايونلىرىدا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پايدىلىنىش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلدى. سۇ ئىنشائاتلىرى بېلىقچىلىق كەسپىدە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلىقچىلىققا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك سۇ رايونلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، بېلىق تۇتۇش، ساياھەت، يىمەك– ئىچمەكنى ئاساس قىلغان ئارام ئېلىش بېلىقچىلىق ئىشلىرى بېلىقچىلىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇلتۇر، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارام ئېلىش بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

     بېلىقچىلىق ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. باغراش ناھىيىلىك لەنشياڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك شىركىتى ئەسلىدىكى توڭلىتىلغان ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە تېز توڭلىتىلغان تەييار يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقاردى. ئۇلار ئىشلەپچىقارغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلار چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىپ، چەتئەللەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ