باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تۇرپان شەھىرىدە ‹‹ قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى
2008- 03- 18 09:58 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەت سىيىتنىياز خەۋەرە قىلىدۇ: تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئوقۇتقۇچى سەپلەپ بېرىشى بىلەن توققۇز يېزا (بازار) دا كەنت دەرىجىلىك ‹‹ قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇپ ، نۆۋەتتە ئوقۇش باشلاندى.
      تۇرپان شەھىرى 2007 – يىلىدىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايون ۋە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ  يېزىلاردا ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇش چاقىرقىغا ئاساسەن ، ئايدىڭكۆل ، چاتقال ، يار ، سىڭگىم قاتارلىق توققۇز يېزا (بازار) دا ‹‹قوش تىل›› لىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ ، شەھەر، يېزا، كەنت ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ، كەنت دەرىجىلىك ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. قۇرۇلۇش باشلانغان بۇيان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ ، كونا باشلانغۇچ مەكتەپلەرىنى ئۆزگەرتىپ ، رېمونت قىلىش ، كونا مەكتەپ بولمىغان ئورۇنلاردا يېڭىدىن بىنا سېلىش ئارقىلىق ھەر قايسى يېزا (بازار) لاردا ‹‹ قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى 9 – ئايغىچە تاماملاپ بولدى . 

       شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 30 دىن ئارتۇق خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى ئاجرىتىپ ، ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك تەييارلىق ئىشلىرىدا پائال ھەمكارلىشىپ ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى، يوتقان – كۆرپە ، كارۋات ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشقا يېتەرلىك مەبلەغ ئاجراتتى. ھازىرغىچە شەھەر بويىچە ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسىغا تىزىملااتقان دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ سانى 500 گە يېتىپ ، 50 كە يېقىن سىنىپتا رەسمىي ئوقۇش باشلاندى.

      ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل تۇرپان شەھىرى شارائىتى يار بەرگەن كەنتلەردە بۇ خىلدىكى ‹‹ قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدىكەن . 
 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ