|
بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر چوڭلار مائارىپى بويىچە ئىشتىن توختاپ ئوقۇش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىدۇ. چوڭلار مائارىپى بويىچە ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتى قاتارلىق چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئىشتىن سىرتقى ئوقۇشنى ئاساس قىلىپ، ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان سىنىپ تەسىس قىلىشنى توختىتىپ، چوڭلار مائارىپى بويىچە تەربىيىلەشتە ئاساسلىقى خىزمەتتىكى كىشىلەرنى مەركەز قىلىدىكەن.
ئېگىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 20 نەچچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە چوڭلار مائارىپىنىڭ تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس بويىچە ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش سىنىپىنى تەسىس قىلىش پىلانى بار ئىكەن. بۇنىڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چوڭلار مائارىپى بويىچە ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش پىلانى چوڭلار مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ %5 نى تەشكىل قىلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى يىلدىن -يىلغا ئازايغان. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە چوڭلار مائارىپى بويىچە ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغانلار 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش سنىىپلىرىغا ئوقۇش قوبۇل قىلىش توختىتىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بار بولغان ئوقۇتقۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، شۇ مەكتەپنىڭ ئادەتتىكى مائارىپى ۋە ئىشتىن سىرتقى چوڭلار مائارىپى، سىرتتىن ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئادەتتىكى نورمال ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، مۇستەقىل ئىنىستىتۇتلار ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ تولۇق كورسقا ئۆرلەپ ئوقۇش سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تايىنىپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن .
|