باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئابدۇقادىر ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى››دىن بەھرىمان بولدى
2008- 03- 17 12:15 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

 يېقىندا، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئارزىگۈل ئۈچۈن قوش خوشاللىق بولدى. ئۇ مەكتەپ تارقاتقان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ  يېزىسىدىكى دىھقان ئابدۇقادىر ھۈسەن تارقاتقان 300 يۈەن پۇلغا ئېرىشتى. ئارزىگۈل— ‹‹ئابدۇقادىر ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى››دىن مەنپەئەتلىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان، ئائىلىسى نامرات بولغان 8 ئوقۇغۇچى ‹‹ئابدۇقادىر ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى››غا تايىنىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

‹‹ئابدۇقادىر ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى››— ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ياقاباغ كەنتىدىكى دىھقان ئابدۇقادىر ھۈسەن شەخسىي نامىدا تەسىس قىلغان مۇكاپات تۈرى.

   بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن ئابدۇقادىر ھۈسەن پارتىيىنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىغا تايىنىپ بېيىغان دىھقان بولۇپ، 20–ئەسىرنىڭ 90– يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئابدۇقادىر ھۈسەن تۇنجى بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ سودا قىلدى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا خىش زاۋۇتى، سۇ يېغى زاۋۇتى ۋە ۋاكالىلىك مال يۆتكەش مەركىزى قۇرۇپ، ھەر يىلى 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى ھەمدە شۇ جايدىكى نامى بار بايلاردىن بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئابدۇقادىر ھۈسەن ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشتى.

   2006–يىلى 8- ئايدا، ئابدۇقادىر ھۈسەن كەنتتىكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىغانلىقتىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقىيالمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ بالىلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلاپ قالدى. ئۇ كەنت ئاھالىلار كومىتېتى بىلەن پائال مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزى پۇل چىقىرىپ، سۈنتاغ يېزىسى بويىچە بىر تۈرلۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىش ھەمدە ھەر يىلى ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئوقۇش ۋە ئەخلاقتا ياخشى بولغان 4 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ يەنە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بويىچە قوش مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ياردەم ئوبېيكتى بولغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن بولسا، ئۆزى يەنە ئوخشاش سوممىدا مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى.

   ئىككى يىلدىن بۇيان، ئابدۇقادىر ھۈسەن جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىرىپ، 8 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم بەردى. 2007- يىلى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكولتېتىغا  قوبۇل قىلىنغان ئارزىگۈل ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

   ئابدۇقادىر ھۈسەننىڭ 5 يىللىق پىلانى بار: ئۇ بولسىمۇ— 2006– يىلدىن 2010– يىلغىچە، ھەر يىلى 4 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم بېرىش؛ 2011– يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى 20 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ