|
3 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى نوقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى دىنار 2 - گازلىقىنىڭ گاز ۋە نېفىت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇدى قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلاندى.
دىنار 2 – گازلىقى كۇچا ناھىيىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە بايقالغان ئەڭ چوڭ قېتىشقان گازلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ گازلىق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلىغا 5 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، 300 مىڭ توننا قېتىشقان نېفىت، 500 مىڭ توننىدىن كۆپرەك يېنىڭ ھىدروكاربون، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىق نېفىت، گاز قوشۇمچە مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى غوللۇق گاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن. دىنار 2 – گازلىقىنىڭ يەر يۈزى قۇرۇلۇشى — ئىچكى قىسىمدا يىغىپ يەتكۈزۈش، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇدى، سىرتقا چىقىرىش، توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيىسى، يانداشما تاشيول قۇرۇلۇشى قاتارلىق 6 بۆلەككە بۆلەنگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئىككى يىل ئىكەن.
|