|
نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن 9 كارخانا ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك تۈرلەرگە مەبلەغ سالدى، دۆلىتىمىزدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن 14 كارخانا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نوقتىللىرىنى پائال چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر جەلپ قىلىش، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. 2007 - يىلىلا، تەرەققىيات رايونى باۋتۇ 1 - ماشىنىسازلىق گۇرۇھى، جۇڭگو ئاشلىق - ياغ گۇرۇھى كوكا - كولا ئىچىملىك چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خياديەن گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىقلارنى جەلپ قىلىپ، 15 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تۈرى توختىمى ئىمزالىدى، بۇ 10 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كىرگۈزگەن تۈر مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1.7 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەتئەل مەبلىغى 46 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شۇ يىللىق ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
|