باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2008– يىللىق 2– نۆۋەتلىك ئەتىياز پەسىللىك ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاياغلاشتى
2008- 03- 17 12:09 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

    شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى بىلەن بىڭتۈەن ئىختىساسلىقلار بازىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2008- يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى  16 - مارت چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشتى.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئەتىياز پەسىللىك 1- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى بىلەن بىڭتۈەن ئىختىساسلىقلار بازىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2- نۆۋەتلىك چوڭ تىپتىكى ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدىكى ئاساسىي پائالىيەت مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشقان ئورۇن 400 دىن ئاشتى. شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش زالىدا تەسىس قىلىنغان شۆبە پائالىيەت مەيدانلىرىدىمۇ 170 تىن كۆپرەك ئورۇن مەيدانغا كىرىپ خادىم قوبۇل قىلدى. ئادەم ئىشلىتىدىغان 570 دىن كۆپرەك ئورۇن تەمىنلىگەن ئىش ئورنى 12 مىڭدىن ئاشتى. 2 كۈن داۋام قىلغان ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى ۋە شۆبە پائالىيەت مەيدانلىرىدا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغانلار 17 مىڭدىن ئاشتى.

   بىڭتۈەن ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې جيەنخۇا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەندىكى 14 يېزا ئىگىلىك شىسى، بىر بىناكارلىق- قۇرۇلۇش شىسىدىكى خادىم قوبۇل قىلىدىغان 105 ئورۇن بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى شىلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى 1500 دىن كۆپرەك جەلپكار ئىش ئورنى بىلەن تەمىن ئەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتقان ئىش ئورۇنلىرى ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تۈرىدىن باشقا، يەنە بەزى سانائەت تۈرلىرىدىكى كەسىپلەرمۇ بار، تىجارەت تۈرلىرى كەسىپلىرىنىڭمۇ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى.

   بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئورۇنلار ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار بار، كەسپىي ئورۇنلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەزكىزى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى بازار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۇڭ جياخۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەكىتلەپ قويۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئادەم ئىشلىتىدىغان 100 دىن كۆپرەك كەسپىي ئورۇن، يەنى بىڭتۈەندىن 70 تىن كۆپرەك ئورۇن، يەرلىكتىن 30 تىن كۆپرەك ئورۇن مەيدانغا كىرىپ 100 دىن كۆپرەك كەسىپ بويىچە خادىم قوبۇل قىلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق ئولكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىمۇ مەيدانغا كىرىپ خادىم قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدىن قارىغاندا، بايىنغولىن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ خادىم قوبۇل قىلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ