باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 17 11:59 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

    ·دۆلەت زىمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىسىتىرى، جۇڭگو گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مىننىڭ يېقىندا بىلدۈرىشىچە، بايلىق مەنبەسى بېجىنى تەڭشەشنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى بېكىتىلىپ بولۇنغان، ئۇلار نۆۋەتتە گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشىغا ماسلىشىۋېتىپتۇ.

   · 2- ئايدىكى ئېكىسپورتنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىگە قارىتا سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنى: ‹2  - ئايدا سودا ئوڭ بالانىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە كۆپلىگە ئالاھىدە سەۋەپلەر بار، 3 - ئايدا ئېكىسپورت تەدرىجى نورماللىشىدۇ›› دېدى. ئىگىلىنىشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2 - ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ سودا ئوڭ بالانىسى 8 مىليارد 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 10 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن، ئېكىسپورت بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاران 6.5 پىرسەنت ئاشقان، ئىمپورت بولسا 35.1 پىرسەنت ئاشقان. 1 - ئايدا بولسا سودا ئوڭ بالانىسى 19 مىليارد 490 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئېكىسپورت بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 26.7 پىرسەنت، ئىمپورت 27.6 پىرسەنت ئاشقان ئىدى  .

   ·شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرىنىڭ باھا ئەھۋالىنى سىستىمىلىق تەكشۈرىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە سۇ يېغى باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، بۇنىڭدا زاپاس سۇ يېغىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنىڭ بازارنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى رولى كۆرىنەرلىك بولغان. كۆكتات باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. تەييار ئاشلىق، گۆش، تۇخۇم، سۇ مەھسۇلاتلىرىن سۈت، مېۋە - چىۋە قاتارلىقلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

   ·16 – مارت دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پۇ چاڭچېڭ جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، QS بەلگىسى چاپلانمىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە QS بەلگىسى بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى. 1 - ئايدىن 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۈزۈتۈش ئۆتكۈنچى مەزگىلى، 4 - ئايدىن كىيىن ئەگەر QS بەلگىسى يوق يېمەكلىكلەر بايقىلىپ قالسا، ئىشلەپچىقارغۇچى قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ - دەپ كۆرسەتتى.

   ·مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ مىڭچى مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كوللىكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: توختام قانۇنى يولغا قويۇلغان قىسقىغىنە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، توختام قانۇنىنىڭ ئىمزالىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 80 پىرسەنتتىن 90 پىرسەنتكىچە بولدى، ئايرىم شەھەرلەردە 95 پىرسەنتتىن ئاشتى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ