|
مۇخبىرىمىزنىڭ 7–مارت ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇستەقىل ئىنىستىتۇتلارغا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ،بۇ لايىھىنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرى يولغا قويۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش مۇستەقىل ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن. مۇستەقىل ئىنىستىتۇت تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپ بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشقا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر ھەمكارلاشقان، دۆلەت مالىيىسىدىن پۇل چىقىم قىلىنمايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرۇس ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيلەيدىغان ئالىي مەكتەپنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كەسپى ئورۇن.
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن–تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن–تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا–ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن–تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىتۈك ئىزباسارلارنى تەربىيلەش ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق بەش مۇستەقىل ئىنىستىتۇت بار.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىنىڭ ئاشكارلىشىچە،بۇ ئىنىستىتۇتلار ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۈتتۈرگەندە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئۆز ئالدىغا تارقىتالايدىكەن .
|