باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 14 15:50 شىنجاڭ خەلق رادئو ئىستانسىسى

    *دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13 - مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نىسبىتى 97.5 پىرسەنت بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.7 پوئىنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  *دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلىرىنىڭ سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 15.4 پىرسەنت ئاشقان.

   *دۆلىتىمىزنىڭ دورا كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت تۇنجى دوكلاتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان گۇاڭجۇ بەيشەن خېخۇاڭ دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ كارخانىنىڭ مەشغۇلاتى مالىيە دوكلاتى بولمىغان شەكلىدە بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  *ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسى بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىجارىسى ئەرزان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئورنى ۋە بۇ يەرلەرگە تۇتىشىدىغان ئاممىۋى قاتناش لىنىيىلىرىنى ئېلان قىلدى.

   *دۆلەت ئىستاتىسىتىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېمەكلىك ۋە ئولتۇراق ئۆي باھاسى ئۆرلىگەنلىكتىن، 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىدا مال باھاسى يەنىمۇ ئۆرلىگەن، ئاھالىلار ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 11.9 پىرسەنت، ئۆرلەش دەرىجىسى 1 - ئايدىكىدىن 2.4 پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوننىڭ مال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ 8.7 پىرسەنتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 3.2 پوئىنت يۇقىرى بولغان.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ