|
*خەلقئارا ئېنىرگىيە مەنبەسى ئورگىنى ۋە ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكى بۇ يىللىق خام نېفىت ئېھتىياجىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ مەبلەغ سېلىش سەۋەپلىك، مۇشۇ ئاينىڭ 11 – كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى بىر مەھەل 110 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيۇق خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى بازار ئېچىلىشتىن ئىلگىرىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىر مەھەل 109.72 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، يىڭى رىكورت يارىتىلدى. بېرژىدا سودا ئاخىرلاشقانغا قەدەر، بۇ خىل خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى 108.75 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 85 سىنت ئۆرلىدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان شىمالى دېڭىز بىرونت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ قەرەللىك باھاسى 105.25 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، 1.09 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ قەرەللىك باھاسى 1.12 سىنت ئۆرلەپ، بازار 2.73 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ ھەر گالونىنىڭ قەرەللىك باھاسى 2.23 سىنت ئۆرلەپ، بازار 2.99 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4– ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك باھاسى 2.4 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 10 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
*ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆمۈر ئېكىسپورتىغا چەك قويۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل كۆمۈر ئېكىسپورتى زور دەرىجىدە ئازلاپ، 53 مىليون توننىغا چۈشۈپ قالغان، بۇ، بۇلتۇرقى 70 مىليون توننىلىق ۋە 2006 يىلىدىكى 80 مىليون توننىلىق ئېكىسپورتقا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 17 مىليون توننا ئاز بولغان.
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12– مارت بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا 100 ئامېرىكا دوللىرى 710 يۈەن 6 مو 9 پۇڭ، 100 ياۋرو 1 مىڭ 91 يۈەن 9 پۇڭ، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 8 مو 9 پۇڭ 52 لى، 100 شياڭگاڭ پۇلى 91 يۈەن 2 مو 5 پۇڭ 3 لى، 100 فوند سىتىرلىڭ 1 مىڭ 426 يۈەن 1 مو 8 پۇڭ خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلانغان.
*ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەكلىك، دورا بويۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋاقىتلىق تىجارەت كېنىشكىسى بار ئاشخانىلارنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سالىدىكەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.
*ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ، يېمەكلىك تىجارىتى كارخانىلىرىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەمىمىيەت ئارخىپى تۇرغۇزىدىكەن، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەممىيىتى تۈرىگە ئاساسەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىكەن.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تەكشۈرۈش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سىجىل ئۆرلىگەن يېمەكلىك باھاسى 2 ئايدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنىڭ ئىككى خانىلىق ساندىن ئۆتىشىگە تۈرتكە بولغان. 2 ئايدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 11.6 پىرسەنت، بۇ يىل 1 ئايدىكىدىن 4 پوئىنت يۇقىرى بولغان .
|