|

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سابىرجان سىيىت ، ئابلىكىم ھاشىملار خەۋىرى ، فوتوسى: يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېزىلاردىكى ئازسانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى چىقىش قىلىپ ، پائال مەبلەغ جۇغلاپ ، ھەرقايسى يېزا ، كەنتلەردە ‹‹ قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى . بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹ قوش تىل مائارىپىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش ›› ۋە ‹‹مائارىپنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، يېزىلاردىكى بالىلارنى مەكتەپكە كىرشتىن ئىلگىرى قوش تىل بويىچە تەربىيىلەش قەدىمىنى تېزلىتىش›› تەپەككۈرى بويىچە ، يېزا بازارلاردا ئاز دېگەندىمۇ بىردىن ئۆلچەملىك مەركىزىي بالىلار باغچىسى بولۇش ، كەنت دەرىجىلىك قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى بالىلار باغچىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى%50گە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ھەمدە 2006-يىلى 2-ئايدا ، تازغۇن يېزا دۆڭقىشلاق كەنتىدە جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ كەنت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسىنى قۇرۇپ چىقتى . بۇلتۇر ناھىيە ماليىسىدىن 1 مىليون 500مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، 15يېزا بازارنىڭ ھەربىرىدە بىردىن توك ، سۇ تېلېفون راۋان بولغان ، سىنىپ ، بالىلارنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيى ، ئاشخانا ، پائالىيەت سورۇنى ، ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر تولۇق بولغان ، توڭلاتقۇ ، دېزىنفېكسىيە ساندۇقى ۋە پائالىيەت ئۈسكۈنىلىرى ، ئويۇنچۇقلار سەپلەنگەن ئۆلچەملىك مەركىزىي بالىلار باغچىسى قۇرۇپ چىقتى . بۇنىڭدىن باشقا ناھىيە ، يېزا –بازار ۋە كەنتلەر ئورتاق مەبلەغ چىقرىش ، جەمىئيەتنى كەڭ تۈردە سەپەرۋەر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇلتۇرنىڭ ئالدىقى يېرىمىغىچە جەمئىي 3 مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ ، ناھىيە بويىچە 73كەنتتە بالىلار باغچىسى قۇرۇپ ، يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ قوش تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشقا شارائىت يارتىپ بەردى . 3- ئاينىڭ12- كۈنگىچە ناھىيە بويىچە ھەر قايسى يېزا –بازار ۋە كەنتلەردە قۇرۇلغان ‹‹ قوش تىل ›› ئوقۇتۇشىدىكى بالىلار باغچىسى 88گە يەتكەن. بۇبالىلار باغچىلرىدا قوش يىل بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان بالا 5618 گە يەتكەن .
|