|
10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابقىسى ئاياغلاشتى
6 – مارت باشلانغان 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونى گۇرۇپپا مۇسابقىسى 10 – مارت غەربىي – شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاياغلاشتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ مالىيە– ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى .
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە مەملىكتىمىزدىكى 77 ئالىي مەكتەپنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى قاتناشتى بولۇپ ، بۇ كوماندىلار ئەرلەر ۋە ئاياللار كوماندىسى بويىچە ئۈچ مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ . سەككىز كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى سەنشى مالىيە– ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن ؛ شىنجاڭ مالىيە– ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى چىڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . سەككىز كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسى 14 – مارت ئاياغلىشىدۇ .
|