|
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11 – مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2 - ئايدا، ئولتۇراق ئۆي باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكسىدىن 6.6 پىرسەنت ئۆسكەن.
*دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 11 – مارتتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولىشىچە، 2 - ئايدا، دۆلىتىمىزدە يېمەكلىك باھاسى 23.3 پىرسەنت، يىمەكلىكلەردىن باشقا تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى 1.6 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
*جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11 – مارت ، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 1 مو 29 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. شۇنداقلا بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىنىڭ 20 - قېتىم يېڭى سەۋىيە يارىتىشى ئىكەن. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 29 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 8 مو 9 پۇڭ 66 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 9 مو 9 پۇڭغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 1 پۇڭ 174 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 2 مو 6 پۇڭ 4 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
*جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، بۇ بانكا يېزا ئىگىلىكىدىكى سىياسەت خاراكتىرلىك بانكا بولۇشتەك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىردىت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەشتە كۆرىنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇلتۇر بۇ بانكىنىڭ تارقاتقان تۈرلۈك قەرزى 36 مىليارد 996 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 8 مىليارد 14 مىليون يۈەن كۆپ بولغان. يىل ئاخىرىدىكى تۈرلۈك قەرز قالدۇق سوممىسى 36 مىليارد 596 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 2 مىليارد 437 مىليون يۈەن كۆپ بولۇپ، قەرز تارقىتىش سوممىسى ۋە قەرز قالدۇق سوممىسىدا بىردەك يېڭى تارىخى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
*شىنجاڭ ئىنتىرنىت تورى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يۈز كىشىگە 22.4 دىن كومپىيۇتېر توغرا كىلىپ، كومپىيۇتېرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىش نىسبىتى 19.9 پىرسەنتكە يېتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ئارىسىدا 9 - ئورۇندا، غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىنتىرنىت تورى قۇرۇلۇشى، ئىنتىرنىت تورىنى ئىشلىتىش سەۋىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەكشۈرىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىستېمال چىقىمى 874 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 9.03 پىرسەنت كۆپ بولغان .
|