|
مارتنىڭ باشلىرى، باش باھاردا تەنھەرىكەت لاتارىيىسىنىڭ تۈرلۈك ئويناش ئۇسۇللىرىمۇ تەڭ جانلىنىپ، تۈرلۈك خۇش خەۋەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، لاتارىيىچىلەر مارت ئېيىدىكى لاتارىيىنىڭ بۇنداق ئامەت بىلەن باشلانغانلىقىدىن چەكسىز شادلاندى.
دەرىجىدىن تاشقىرى دالېتۇدا سەككىز دوغا كاتتا مۇكاپات چىقىپ، رېكورت يېڭىلاندى
دەرىجىدىن تاشقىرى دالېتۇ لاتارىيىسىنىڭ مارتتىكى تۇنجى قېتىملىقى بولغان 08023 – قېتىملىقىدا 1 – مارت مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نەتىجىسى دالېتۇ لاتارىيىسىگە ئىشتىياق باغلىغان لاتارىيىچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، بىراقلا سەككىز دوغا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپ، يەتتە دوغا 5 مىليون 30 مىڭ يۈەن، بىر دوغا 8 مىليون 40 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىشتەك نەتىجە بىلەن بۇلتۇر 8 – ئايدىن بۇيانقى بىر قېتىمدا ئالتە دوغا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىشتەك دالېتۇ رېكورتىنى يېڭىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خېيلۇڭجياڭلىق دالېتۇ ھەۋەسكارلىرىنى خۇشال قىلغىنى، بۇ قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان سەككىز دو ئىچىدە خېيلۇڭجياڭلىقلارمۇ بولۇپ، يىچۈندىكى بىر تەلەيلىك لاتارىيىچى قايتىلىما دو تىكىپ، بىر دودا 5 مىليون 03 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئاز سوممىلىق مۇكاپاتلار قوشۇلۇپ، جەمئىي 5 مىليون 80 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دالېتۇ لاتارىيىسىنىڭ بۇلتۇر بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان خېيلۇڭجياڭلىقلارنىڭ ‹‹5مىليون يۈەن››دىن ھالقىشىغا يەنە بىر قېتىم ياردەم بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.
يەتتە يۇلتۇزلۇق لاتارىيىنىڭ ھەر قېتىملىقىدا كاتتا مۇكاپات ئېچىلدى
يەتتە يۇلتۇزلۇق لاتارىيىنىڭ 08025 – قېتىملىقىدا 4 – مارت بىراقلا ئىككى دوغا 5 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات ئېچىلدى، بۇ 2 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان 5 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئۇدا چىقىشى بولۇپ، يېقىندىن بۇيانقى تۆت قېتىمدا بەش دوغا 5 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات ئېچىلدى، شۇنداقلا 2008 – يىلقى يەتتە يۇلتۇزلۇق لاتارىيىنىڭ بىر قېتىمدا كاتتا مۇكاپات ئېچىلىش دو سانى ئىككىگە ئۆرلىدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل مۇكاپات ئېچىلغان 25 قېتىمدا، 25 دوغا 5 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات ئېچىلىپ، ‹‹5مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات لىنىيىسى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان يەتتە يۇلتۇزلۇق لاتارىيىنىڭ ھەر قېتىملىقىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر دوغا بىردىن ئالاھىدە مۇكاپات توغرا كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2 – ئاينىڭ بېشىدا داچىڭلىق بىر تەلەيلىك لاتارىيىچى بىر دوغا 5 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن بۇيان، يېقىندا خېيلۇڭجياڭلىق ئىككى لاتارىيىچى بىر سان پەرق بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 5 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتتىن قۇرۇق قېلىپ، ئايرىم – ئايرىم 40 مىڭ يۈەن ۋە 70 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن. تەنھەرىكەت لاتارىيىسىدە كاتتا مۇكاپات ئۇدا چىقىۋاتقان پەيتتە، يەتتە يۇلتۇزلۇق لاتارىيىدە ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇۋاتقان خېيلۇڭجياڭلىقلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق كاتتا مۇكاپات بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە كۆپ قالمىدى.
پۇتبول لاتارىيىسى ئولىمپىك يىلىدىكى 4 – دوغا چىققان 5 مىليون يۈەن مۇكاپاتنى كۈتۈۋالدى
دەرىجىدىن تاشقىرى دالېتۇ، يەتتە يۇلتۇزلۇق لاتارىيە قاتارلىق چوڭ ئويناش ئۇسۇللىرى قىزىپ كەتكەن پەيتتە، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ۋە لاتارىيىچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان پۇتبول لاتارىيىسىمۇ ھەۋەسكارلارنى يېپيېڭى كاتتا مۇكاپاتتىن بەھرىمەن قىلدى. 3 – مارت ئېچىلغان يېڭىش – يېڭىلىشنى قىياس قىلىش لاتارىيىسىنىڭ 08016 – قېتىملىقىدا، ئىتالىيە A دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىلەن ئىسپانىيەA دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا قاتمال ۋەزىيەت كۆرۈلگەچكە، ھەپتىلىك يېڭىش – يېڭىلىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر دوغا 5 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات ئېچىلدى، بۇنىڭ بىلەن، پۇتبول لاتارىيىسىدە ئولىمپىك يىلىدا 5 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات چىققان دو تۆتكە يەتتى، يېڭىش – يېڭىلىشنى قىياس قىلىش لاتارىيىسى بارلىق كاتتا مۇكاپاتنى كۆتۈرە ئېلىۋالدى، بۇ قېتىم توققۇز دوغا چىققان 510 مىڭ يۈەنلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ بۇ يىللىق يېڭىش – يېڭىلىشنى قىياس قىلىش لاتارىيىسىدە ئېچىلغان مۇكاپاتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 200 نەچچە دو مۇكاپاتقا قوشۇپ بېرىلگەن 210 مىڭ يۈەن بىلەن 60 مىليون يۈەنلىك ‹‹شادلىق ئىتالىيە A دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى››گە مۇكاپات قوشۇپ بېرىش پائالىيىتىمۇ ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتى.
شۇ كۈنى مۇكاپات ئېچىلغان شەنبىلىك يېڭىش – يېڭىلىشنى قىياس قىلىش لاتارىيىسىدە، خېيلۇڭجياڭلىق لاتارىيىچىمۇ ھوسۇل ئالدى، خاربىنلىق بىر لاتارىيىچىگە 08015 – قېتىملىق يېڭىش – يېڭىلىشنى قىياس قىلىش لاتارىيىسىدە 650 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، قايتىلىما دو تىكىپ ئېرىشكەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى قوشقاندا، خېلى كۆپ ھوسۇل ئالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئارا ئويناش ئۇسۇلى بولغان ‹‹29 دىن يەتتىنى تاللاش›› لاتارىيىسىمۇ تەنھەرىكەت لاتارىيىسىدىكى قىزغىن كەيپىياتقا جور بولدى، 1 – مارتتىن 3 – مارتقىچە، ‹‹29 دىن يەتتىنى تاللاش›› لاتارىيىسىدە ئۇدا ئىككى دوغا 620 مىڭ يۈەن ۋە 110 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپات ئېچىلدى. باش باھاردىكى مول ھوسۇل پەيتىدە، ئامەتلىك لاتارىيىچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
(تەنھەرىكەت لاتارىيىسى تەشۋىقاتى)
|