باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
سۈرەتلىك خەۋەر
2008- 03- 11 10:31 تەڭرىتاغ تورى

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەر خىزمەت خەۋىرى ، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيە ئاۋات بازىرى كۆلبويى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنىت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇمەر مېھمان كەنىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پەخرىي مۇدىرلىقى ۋەزىيپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر يىلدىن بۇيان ، مەكتەپنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ھەمكارلاشقاندىن باشقا 20مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ ، مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى . ئۇ يەنە يېتەرلىك ئەمگەك كۈچى تەشكىللەپ ، مەكتەپنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرىغىمۇ زور كۈچ چىقاردى .
      ھازىر بۇ ناھىيىدىكى 187كەنتنىڭ ياچېيكا سېكىرتارلىرى ئۈمەر مېھمانغا ئوخشاش ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ پەخرىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ، مائارىپنى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق قوللاپ ۋە مەدەت بېرىپ ، مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشماقتا .

سۈرەتتە: ئۈمەر مېھمان (ئوڭدىكى كىشى)مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە پىكىرلەشمەكتە

      * مارالبېشى ناھىيە ئاۋات بازار يېڭىئاۋات باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 1-سىنىپنىڭ  سىنىپ  باشلىقى، مۈنەۋۋەر ئۆسمۈر زەينىگۈل مۇھەممەت ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ، ئۆزلەشتۈرۈپ ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولغاندىن باشقا سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ ، ساۋاقداشلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ ، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

سۈرەتتە: زەينىگۈل مۇھەممەت (ئوڭدىكى ئۇقۇغۇچى) ساۋاقداشلىرىغا خەنزۇ تىلىدىن دەرس تەكرارلاپ بەرمەكتە

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ