|
*11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان مالىيە خام چوت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ مالىيە خام چوت كىرىمى 5 تىرلىيون 848 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 718 مىليارد 197 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، 14 پىرسەنت ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
*مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ5 – كۈنى11 – نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا تاپشۇرغان ‹‹2008 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك مالىيىنىڭ خام چوت لايىھىسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى›› دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل مەركەز مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە دۆلەت قەرز مەبلەغ كۆلىمىنى داۋاملىق مۇۋاپىق كىچىكلىتىدىكەن، مەركەز مالىيە قىزىل رەقەم خام چوتى 180 مىليارد يۈەن ئىچىدە كونتىرول قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى قىزىل رەقەم خام چوتىدىن 65 مىليارد يۈەن ئاز بولغان؛ 30 مىليارد يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش دۆلەت زايومى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 20 مىليارد يۈەن ئاز بولغان.
*ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 5 – كۈنى تاپشۇرغان 2008 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادى، ئىجتىمائى تەرەققىيات پىلان لايىھىسىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل، دۆلىتىمىز ئاكسىيە، سۇغۇرتا، قەرەللىك مال قاتارلىق پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن. خەلق پۇلى پىرىۋوت نىسبىتى مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. بايلىق مەنبە تىپىدىكى مەھسۇلاتلار باھاسى ۋە بايلىق مەنبەسىنى تولۇقلاش، مۇھىت ئاسراش ھەققى يىغىش ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىدىكەن.
*ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان ۋە داۋاملىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان يول قۇرۇلۇشىغا سالىدىغان مەبلىغى 1 مىليارد 296 مىليون 840 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.
*دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى خۇ جىڭلىن مۇشۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2007 – يىلى مەركەز مالىيىسى باج قايتۇرۇش ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەركەز كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەرلىك مالىيىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلەتتى. 2008 – يىلى مەركەز مالىيىسى يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، ئۈچنى مۇكاپاتلاش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش مەبلىغى 44 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.
*دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى پۇمىن مۇشۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ––يەنىلا ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان باھانىڭ قۇرۇلما خاراكتىرلىك ئۆرلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
*دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سوڭ لەن مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى مۇنداق دېدى: يېقىلغۇ ماي بېجىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى تۈزۈلۈپ بولدى، ئەمما ھازىر شارائىت تېخى پىشىپ يېتىلمىدى .شەخسىلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى يۆنىلىشى تۈرگە بۆلۈپ باج تاپشۇرۇش ۋە ئۇنۋېرسال ئىلتىماس قىلىشنى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
*جۇڭ يۈەندا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى يېقىندا يىنچۈەن شەھىرى شىشيا رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سودا مەركىزى تۈرى بويىچە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى، بۇ نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سودا مەركىزىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە قۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
*مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى يەنى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنىگە قەدەر، شاڭخەي، شېنجىن پاي چېكى بازىرىنىڭ ئوبوروت بازار قىممىتى 9 تىرلىيون 300 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 2.49 پىرسەنت ئاشتى. پاي چېكى بازارغا سېلىنغان بىر تۈركۈم شىركەتلەرنىڭ سېتىش چەكلەنگەن پاي چەكلىرىگە قارىتىلغان چەكلەشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى سەۋەپلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن پاي چەكلىرى تۆۋەن ئورۇندىكى پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىشىنىڭ تەسىردە، پەقەت شاڭخەي پاي چېكى بازىرىدىلا ئۆتكەن ھەپتىدە يېڭىدىن ئوبوروت قىلىنغان پاي چېكى 5 مىليارد 500 مىليون پايغا يەتكەن.
*شاڭخەي، شېنجىن ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسى فوند كۆرسەتكۈچى 4 مىڭ 811.3 نۇقتا بولۇپ، ھەپتىلىك تۆۋەنلەش نىسبىتى 0.93 پىرسەنت؛ شېنجىن ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ فوند كۆرسەتكۈچى 4 مىڭ 734.46 نۇقتا بولۇپ، ھەپتىلىك تۆۋەنلەش دەرىجىسى 0.58 پىرسەنت بولغان.
*جۇڭگو ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى يەنە بەش فوند شىركىتىنىڭ يېڭى فوند تارقىتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.
*سەھىيە مىنىستىرلىكى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ چياڭ يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىببىي داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھىسىدە ئىككى يىغىندىن كىيىن ئىنتىرنىت تورى قاتارلىق جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە پىكىر ئېلىش ئۇچۇرى تارقىتىلىدۇ. گاۋ چياڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەھەللە سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە كونكىرت تەدبىر ئارقىلىق دوختۇرخانىلار دورا ئارقىلىق ئۆزىنى بېقىشتەك ھازىرقى ھالەت ئۆزگەرتىلىدۇ، ھەمدە سەھىيە مۇلازىمەت ھەققى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش يۈكى ئومۇمىي جەھەتتىن يېنىكلىتىلىدۇ. پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ ئوخشاش بولغان خەلق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
*مۇشۇ ئاينىڭ9 – كۈنى شىڭيې فوند باشقۇرۇش شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى شىڭيې ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت مەبلەغ سېلىش فوندى تۇنجى ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پات ئارىدا تارقىتىلىدىكەن.
*شاڭخەي ئاكسىيە سودا بېرژىسى يېقىندا: مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرىشى ۋە شاڭخەي ئاكسىيە سودا بېرژىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 2007 – يىللىق 2 – قارارلىق ھىساباتى خاتىرلىنىدىغان دۆلەت زايومىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15 – كۈنى قەرەلى توشقاچقا، مۇشۇ ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىشتىن توختىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
*مۇشۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى دۆلەت يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭلى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا بويۇملىرى مۇندەرىجىسى 4 – ئايدا گوۋۇيۈەنگە يوللىنىدۇ، 6 – ئايدىن كىيىن جەمئىيەتكە رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مۇندەرىجىدىكى دورىلار بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن ئورالمىسىدا باھاسى ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ، ئۇنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ئەڭ ئاخىرقى بازار باھاسى قىلىنىدۇ.
*مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى 2007 – يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق كارخانىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىللىق يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە ئەنئەنىۋى كەسپلەرنى ئۆزگەرتىش جەھەتلەردە ئومۇمىيۈزلۈك بۆسۈش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن.
*مۇشۇ ئاينىڭ7 – كۈنى چاقىرىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىللىق يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ كارخانىلاردا ئەسلى نەشىردىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 12 چوڭ تىپتىكى كارخانا تۇنجى تۈركۈمدە ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان يۇمشاق دىتاللارنى ئومۇمىيۈزلۈك يوقىتىپ، رەسمىي نەشىردىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىدىكەن.
*يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يېڭىدىن سېلىنغان 54 مىليون 510 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇش ئىچىدە، 88 پىرسەنت قۇرۇلۇش ئېنىرگىيە تىجەش ئۆلچىمىگە يەتكەن، تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە مەلۇم بولىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشلاردا يىلىغا 900 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تىجىگىلى بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئېنىرگىيە تىجەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2003 – يىلى 4 – ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا يېڭىدىن سېلىنغان خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان 54 مىليون 510 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىچىدە ئېنىرگىيە تىجەش ئۆلچىمىگە ئاساسەن سېلىنغىنى 48 مىليون 270 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان قۇرۇلۇشلاردا ئېنىرگىيە تىجەش ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش نىسبىتى 88.55 پىرسەنتكە يەتكەن.
|