|
‹‹ 8–مارت ›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى كۈنى شىنجاڭ ئىختىساس ئىگىلىرى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئىش ئورۇنلىرىنىڭ %60ى ئاياللارغا مايىللاشتۇرۇلدى.
مۇخبىر نەق مەيداندا خىزمەت تېپىش ئۈچۈن كەلگەن ئاياللارنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭمۇ ئاياللارغا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاياللارغا بايراملىق سوۋغا سۇنغانلىقىنى كۆردى.
ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەت تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس سانجىدىن كەگەن رېن لى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۈگۈن‹‹ 8- مارت ››خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. بىر ساۋاغدىشىمدىن بۈگۈن ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كەلگەنىدىم. بۈگۈن نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۆزۈمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەت تېپىشنى شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك بولغان، شادلىققا تولغان 8– مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
8–مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساس ئىگىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ ئىختىساس ئىگىلىرى بازىرى مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەخسۇس ئاياللارغا قارىتىلغان تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. لى خەييەن ئىسىملىك بىر خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنى، بىز شىنجاڭ ئىختىساس ئىگىلىرى بازىرىدا مەخسۇس ئاياللارغا قارىتىلغان تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. 120 نەچچە كارخانا تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە %80 تىن ئارتۇقى ئاياللارنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلگەن. بۈگۈن دەل 8- مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئىش ئورۇنلىرىمۇ ئاياللارغا مايىللاشتۇرۇلدى. بۈگۈن 180 نەچچە كارخانا تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى. 3 مىڭدىن ئارتۇق خادىم ئىش ئورنى ئىزدەپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى %60 ى ئاياللار بولۇپ، خانىم– قىزلىرىمىز بايرام مەزگىلىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئايال ئىشچىلارنى ئىشلىتىش بازىرىدا، ئادەتتىكى ئىشچىلار، تىجارەتچىلەر، كەسپىي خادىملار قاتارلىق ئىھتىياج مىقدارى زور بولغان ئىش ئورۇنلىرى خادىم قوبۇل قىلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراش؛ كاتىباتلىق، مالىيە، باشقۇرۇش قاتارلىق ئىھتىياج مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولغان ئىش ئورۇنلىرىدا تەمىنلەش تەلەپتىن كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلگەن.
|