باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008– يىللىق تولۇق ئوتتورىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى لاھىيىسى بېكىتىلدى
2008- 03- 10 11:06 شىنجاڭ گېزىتى

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم  رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى لاھىيىسىنى بېكىتكەن، ئىمتىھان ۋاقتى 6– ئاينىڭ 20 –كۈنىدىن 23– كۈنىگىچە بولىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، 2008 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشتا ئاپتونوم رايونىمىز ۋە بىڭتۇەن بىرلىشىپ سوئال چىقىرىش ئۇسۇلى يولغا قۇيۇلىدىكەن. تولۇقسىز 3 – يىللىقلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن تۈرلىرى: ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى(خەنزۇتىلى)، فىزىكا، خىمىيە، تارىخ، ئىدىيە - ئەخلاق، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە فىزىكا، خىمىيە، تارىخ، ئىدىيە - ئەخلاق پەنلىرىدىن بىرلەشتۈرۈپ سوئال چىقىرىلىدىكەن، تولۇقسىز 2 - يىللىقتىكىلەردىن خۇلاسە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن تۈرلىرى: بىئولوگىيە، جۇغراپىيە بولۇپ، ئىمتىھان سوئال شەكلىنى ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنلەيدىكەن،  ۋىلايەت(ئوبلاست) لەر ئىمتىھان سوئالىنى ئۆزلىرى چىقىرىدىكەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ