باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 03- 07 12:06 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

     *ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئولتۇراق ئۆي، قاتناش، ئاممىۋى قۇرۇلۇش قاتارلىق تۈرلەرنى 1 مىڭ 750 گىكتار يەر بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

    *ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇيىل 1 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 337 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.02 ھەسسە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت 32 مىليون 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 75.3 پىرسەنت؛ ئېكىسپورت 305 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 1.06 ھەسسە ئاشقان.

     *جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6 – مارت خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 1 مو 1 پۇڭ 68 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن تۆت ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1 مو 1 پۇڭ 68 لى، بىر ياۋرو 10 يۈەن 8 مو 7 پۇڭ 77 لى، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 8 مو 5 پۇڭ 86 لى، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 1 پۇڭ 397 لى، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 14 يۈەن 1 مو 7 پۇڭ 42 لى ئايرىۋاشلاندى.  

*ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق بانكىسى سىستىمىسى يېقىندا جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىپ، ئۆز تەۋەلىدىكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە خەلق بانكىسىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىدىكى تارماق بانكىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە فونكىسيىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

    *ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئېنىرگىيە تىجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇيىل 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەرلەر ئىسىنىش ياردەم پۇلىنى يوشۇرۇن بېرىشنى ئاشكارە بېرىشقا ئۆزگەرتىدىكەن، 9 - ئايدىن باشلاپ، ئىسىنىش پۇلى مائاشقا قوشۇپ تارقىتىلىدىكەن. 

    *ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خېمىيە سانائېتى، رەڭلىك مىتال پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسى، ماددى ئوبوروت مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىش ساھەلىرىگە 77 مىليارد يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىشنى پىلانلىدى.

   *يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 22 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن سەككىز پوئىنت ئاشقان.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ